كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 3 ئادەم ئۆلدى

جاممۇ كەشمىر رايونىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن پىدائىيلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 3 ئادەم ئۆلدى.

1035091
كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 3 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىرى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي  3 ئادەم ئۆلدى.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە كۆرە،  ئالاقىدار مەسئۇللار ھاندۋارا، پۇلماۋا ۋە چىۋان رايونلىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 3 ئادەمنىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جاممۇ كەشمىر رايونىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن پىدائىيلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا بۇ يىل ئىچىدە 241 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى تەخمىن  قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر