ئىران ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تەۋەلىكىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تۇرغۇزماسلىققا چاقىردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى دۆلەتلىرىدە تۇرغۇزماسلىقلىرىنى تەلەپ قىلدى.

1015277
ئىران ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تەۋەلىكىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تۇرغۇزماسلىققا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، فىرانسىيە، بېلگىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، تارىخىي مۇناسىۋەتلەرگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تەۋەلىكىدە تۇرغۇزۇشتىن ساقلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتقان ۋە دۈشمەنلەرنىڭ ئىراننىڭ ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل باھانىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

تېھران دائىرىلىرى، «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قارايدىغان خەلقنىڭ مۇجاھىدلىرى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. ئۆتكەن ئاي فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقنىڭ مۇھاجىدلىرى تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئىران مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىشى كېڭىشى، ئىران ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئۆتكۈزگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان نيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باشلىقى رۇدي گىئۇلىئانى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلار ئىشتىراك قىلىدىغان بىر پائالىيەتكە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، گېرمانىيەدە ئىرانلىق بىر دىپلومات، بېلگىيەدە 2 ئىران پۇقراسى تۇتقۇن قىلىنغان؛ دىپلوماتنىڭ ئاۋسترىيەنىڭ ۋىيېننا شەھىرىدىكى تېھران ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئىرانلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. 6 – ئىيۇلدا بولسا، گوللاندىيە ئىران ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئىككى دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانىدى.

ئىرانلىق ئەمەلدارلار ۋە دۆلەت مېدىياسى، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە توغرا كەلتۈرۈلگەن ۋەقەنىڭ، ئىران – ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە تەشكىلات تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر