ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

1010579
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پومپېئو ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئەبۇ زەبى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن زائىد ئەلنەھيان بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر، تېررورىزم ۋە رادىكالىزىمغا قارشى  كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ساھەلەردە ھەمكارلىق ئاساسىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر