ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ئافغانىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

1009747
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى دۆلەت سارىيىدا مايك پومپېئونى قوبۇل قىلغاندىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسىغا بىرلىكتە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىققىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ۋاشىنگتوننىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسىغا داۋاملىق ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىلىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى ھەمدە تالىباننىڭ ئۇرۇش ئارقىلىق ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافغانىستان بىزنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىمىزنى كۈتمەسلىكى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر