سۈرىيەدە بۇ يىل ئىچىدىلا 4759 بىگۇناھ ئادەم ئۆلگەن

سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى سۈرىيەدە بۇ يىل ئىچىدىلا 4759 بىگۇناھ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1004500
سۈرىيەدە بۇ يىل ئىچىدىلا 4759  بىگۇناھ ئادەم ئۆلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 1104 بالا، 798 ئايال بولۇپ جەمئىي 4759 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى سۈرىيەدىكى گۇرۇھلارنىڭ توقۇنۇشى، ھۇجۇملار ۋە قىيىن-قىستاقلار سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 1104 بالا، 798 ئايال بولۇپ جەمئىي 4759 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەسەد ھاكىمىيىتى 6 ئاي ئىچىدە 616 بالا، 507 ئايال بولۇپ جەمئىي 3056 ئادەمنى قەتل قىلغان بولسا، ئەسەد قىسىملىرىنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 138 بالا، 79 ئايال بولۇپ جەمئىي 398 ئادەم ئۆلگەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بۇ يىل ئىچىدە 43 بالا، 15 ئايال بولۇپ جەمئىي 182 ئادەمنى قەتل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، دائېشقا قارشى تەشكىل قىلىنغان خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بولسا 113 بالا، 68 ئايال بولۇپ جەمئىي 254 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ۋە ھەيەت تەھرىر شام قىسىملىرى سەۋەبىدىنمۇ بۇ يىل ئىچىدە 16 بالا، 4 ئايال بولۇپ جەمئىي 53 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۆلگۈنچى تېررولۇق تەشكىلاتى ي پ گ – پ ك ك نىڭ 11 بالا، 18 ئايال بولۇپ جەمئىي 112 ئادەمنى قەتل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، 167 بالا، 107 ئايال بولۇپ جەمئىي 704 ئادەمنىڭ كىملىكى نائېنىق گۇرۇھلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

دوكلاتتا يەنە بۇ يىل ئىيۇندىلا سۈرىيەدە 593 ئادەمنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىمۇ بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر