موسكۋا ب د ت نىڭ مولداۋىيە چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

موسكۋا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رۇسىيەنى مولداۋىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى كېچىكمەستىن چېكىندۈرۈشكە چاقىرغان قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

998440
موسكۋا ب د ت نىڭ مولداۋىيە چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ قارارىغا «نامۇۋاپىق، شۇنداقلا خەتەرلىك» بىر قارار، دەپ باھا بەردى؛ ترانسدىنيېستېردىكى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، «بۇ تەشەببۇسقا، يېقىنلىشىۋاتقان پارلامېنت سايلىمى ھارپىسىدا نومۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن رۇسىيەگە قارشى كىشىلەرنى كۈشكۈرتىۋاتقان كىشىنېۋدىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ ئېلان – تەشۋىقاتى، دەپ قارايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

 ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى، رۇسىيەنى مولداۋىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى كېچىكتۈرمەستىن چېكىندۈرۈشكە چاقىرىشنى مەزمۇن قىلغان بىر پارچە قارار ماقۇللىغانىدى. مولداۋىيە تەرىپىدىن سۇنۇلغان قارار لايىھەسىگە 64 دۆلەت قوللاپ، 14 دۆلەت قارشى بېلەت تاشلىغان، 83 دۆلەت بېلەت تاشلاشتىن يالتايغانىدى.

ئۇكرائىنا بىلەن مولداۋىيە ئارىسىدىكى «ترانسدىنيېستېر سوتسىيالىست مولداۋىيە جۇمھۇرىيىتى» بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان بىر رايون، دەپ قارىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيە 1992 – يىلىدىن تارتىپ مەزكۇر رايوندا «تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىم» دېگەن نام ئاستىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر