ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە جەسەت ساندۇقلىرى يوللىدى

شىمالىي كورېيەگە يوللىنىدىغان ئومۇمىي جەسەت ساندۇقلىرى سانىنىڭ 215 بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

998046
ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە جەسەت ساندۇقلىرى يوللىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا 1950يىلىدىن 1953يىللىرىغىچە يۈز بەرگەن كورېيە ئۇرۇشى جەريانىدا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى قويۇش ئۈچۈن شىمالىي كورېيە چېگراسىغا جەسەت ساندۇقلىرى يوللىدى.

جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيە چېگراسىدا ئۇرۇش توختىتىش يېزىسى دەپمۇ تونۇلغان پانمۇنجومغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋاقىتلىق جەسەت ساندۇقلىرى، ئەسكەرلەرنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلەن يۆتكىلىشى ئۈچۈن بىر قانچە كۈن ئىچىدە شىمالي كورېيە تەرىپىگە يوللىنىدىغان بولدى. 

شىمالىي كورېيەگە يوللىنىدىغان ئومۇمىي جەسەت ساندۇقلىرى سانىنىڭ 215 بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ مۇشۇ ئاي سىنگاپوردا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، كورېيە ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر