خىتاي پۈتۈن ئاپتوموبىللارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش سىم كارتىسى بىلەن تەقىب قىلىدۇ

خىتاي ئۆز پۇقرالىرىنى كۆزىتىشتە ئىنتايىن غەلىتە يوللارنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم يەنە بىر يېڭى لايىھە تەستىقلاندى.

995000
خىتاي پۈتۈن ئاپتوموبىللارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش سىم كارتىسى بىلەن تەقىب قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا 2019يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىغان بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش سىستېمىسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي پۇقرالىرى ئاپتوموبىللىرىغا رادىيو دولقۇنى ئارقىلىق تونۇلىدىغان «RFID» تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش سىم كارتىسىنى مەجبۇرىي ئورنىتىدىكەن.

ئاپتوموبىللاردىكى بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش سىم كارتىسى ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ قەيەردە ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى سىكۇنتمۇ سىكۇنت كۆزىتىپ تۇرىدىكەن.

قاتناش زىچلىقىغا چارە سۈپىتىدە ئىلىگىرى سۈرۈلگەن بۇ لايىھەنىڭ ئەسلىدە بىخەتەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرىپى بەزى مەسىلىلەرنىمۇ پەيدا قىلماقتا. نۇغۇنلىغان خىتاي پۇقرالىرى سىكۇنتمۇ سىكۇنت تەقىب قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىشنىڭ ئىنساننى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى تەقىپ قىلغۇچىلارنىڭ تەقىپ قىلىنىش دائىرىسىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نارازىلىقلارنى يىنىكلىتىشكە تىرىشماقتا. 

ئالاقىدار مەسئۇللار، ئاپتوموبىللارغا مەجبۇرىىي ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ پەقەت بەزى بەلگىلىك رايونلاردىلا ئىشقا سېلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە كىملىك مەلۇماتىغا قارىماستىن، قاتناشنىڭ زىچلىقى ھەققىدىلا مەلۇمات ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر