دونالد ترامپ «ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى» قۇرۇپ چىقىدىغان بولدى

دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ پەقەت يەر يۈزىدىلا ئەمەس، ئالەم بوشلۇقىدىمۇ تەسىرى كۈچلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

994946
دونالد ترامپ «ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى» قۇرۇپ چىقىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 6قىسىمى سۈپىتىدە «ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى» قۇرۇپ چىقىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

دونالد ترامپ ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى كېڭىشى يىغىنىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېڭى قۇرۇلمىسى ھەققىدە توختالدى.

ئامېرىكىنىڭ پەقەت يەر يۈزىدىلا ئەمەس، ئالەم بوشلۇقىدىمۇ تەسىرى كۈچلىنىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان ترامپ، «ئامېرىكىنى مۇداپىئە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى مەۋجۇتلۇقى يېتەرلىك بولمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تەسىر كۈچى يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى لازىم» دېدى. 

دونالد ترامپ «بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىلىقىمىزغا قوراللىق ئارمىيەنىڭ 6قىسمى سۈپىتىدە ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ئىشلارنى دەرھال باشلاش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈردۈم. بۇ چوڭ بىر قەدەم. ھاۋا ئارمىيەمىزدىن باشقا يەنە، ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەمىزمۇ بولىدۇ. ئىككىسى ئايرىم، ئەمما باراۋەر بولىدۇ» دېدى.

دونالد ترامپ ئاخىرىدا، ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىدىن باشقا يەنە، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئوخلەتلەر ھەققىدىمۇ ئالاقىدار قىسىملارغا تېگىشلىك ھوقۇق بېرىلگەن ئۇقتۇرۇشقا ئىمزا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر