پۇتىن بىلەن نېتانياھۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق كۆرۈشتى.
![پۇتىن بىلەن نېتانياھۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/eaee/35f1/4dca/5b10ec627679f.jpg?time=1718504939)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى (كىرمېل)دىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ بەزى تەرەپلىرى ئۈستىدە كېڭەش قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇمۇ ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن شويگۇ، ئاۋىگدور لىبېرمان بىلەن كۆرۈشكەندە سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر شويگۇ لىبېرمان بىلەن رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئىيوردانىيە تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى بەرپا قىلىش توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئۈستىدىمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە ۋە ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشى توغرۇلۇق ھېچقانداق بايانات بېرىلمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718504939)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.