رۇسىيە 2016-يىلدىكى ئامېرىكا سايلىمىدا ترامپنى قوللىغان

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتى رۇسىيەنىڭ 2016-يىلى ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقىنى ۋە دونالد ترامپنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشى مەقسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

973141
رۇسىيە 2016-يىلدىكى ئامېرىكا سايلىمىدا ترامپنى قوللىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتى رۇسىيەنىڭ سايلامغا ئارىلاشقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش قارارىنى يازمىچە ئېلان قىلدى. كومىتېت باشلىقى جۇمھۇرىيەتچىلەردىن شىمالىي كارولىنا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىچارد بۇر باياتىدا: "ھېچقانداق شۈبھە يوقكى، رۇسىيە 2016-يىلدىكى سايلاملارغا قول تىقىش ئۈچۈن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ توغرىدىكى قارىشىغا قارشى چىقىدىغانغا ھېچقانداق سەۋەبىمىز يوق" دېدى.

مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى دېموكراتلاردىن مارك ۋورنېر: "رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىقى كاڭ دائىرەلىك ۋە ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بىۋاستە پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ يوليۇرۇقى بىلەن دونالد ترامپقا ياردەم قىلىش ۋە يەنە بىر نامزات ھىلارى كلىنتونغا زىيان سېلىش ئۈچۈن قىلىنغان" دېدى.

كومىتېت باشلىقى بۇر كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى خىزمەتلىرىنى پات ئارىدا تاماملاپ، ئەڭ ئاخىرقى دوكلاتىنى ئاۋغۇست ئېيىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش قارارىنىڭ، ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ يەنە بىر قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتى بىلەن زىددىيەتلىك بولۇشى دىققەت قوزغىدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئاخىرقى دوكلاتىدا، ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك خادىملىرى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا مەخپىي ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر