ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگوسىنى كۈچەيتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرن مەركەز بانكىسى مەسئۇللىرى بىلەن ئىراق مەركەز بانكىسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

971895
ئامېرىكا  ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگوسىنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران مەركەز بانكىسى مەسئۇللىرىدىن ئىككى كىشى بولۇپ جەمئىي 4 كىشى ۋە ئىراق مەركەز بانكىسىنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى ۋە ھىزبۇللاھ بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 4 شەخس بىلەن 1 ئورۇننىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ مال-مۈلكىنى كونترول  قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئىران مەركەز بانكىسى باشلىقى ۋەلىيۇللاھ سەيىف ۋە بانكىنىڭ خەلقئارا ئىشخانسىى مەسئۇلى ئەلى تارزالىنىڭ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىغا تەۋە قۇددۇس ئەترىتىنى قوللىشى سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە ئىراقتىكى ئەلى بىلاد بانكىسىنىڭمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بولۇشى سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتىمۇ ئىرانلىق 6 كىشى ۋە 3 ئورۇننىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ مال-مۈلكىنى كونترول  قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 8-مايدا ئامېرىكىنى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ترامپنىڭ قارارىدىن كېيىنلا ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىرانغا قارىتىلىدىغان تۇنجى ئېمبارگو پىلانىنىڭ 6-ئاۋغۇستتا، ئىككىنچى ئېمبارگو پىلانىنىڭ بولسا بۇ يىل 4-نويابىردا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر