پارىژدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى ئوپېرا مەيدانىغا يېقىن جايدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

969515
پارىژدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 1 ئادەم ئۆلدى، ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 4 ئادەم يارىلاندى.

پارىژ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات بايانات بېرىپ، پايتەختتىكى ئوپېرا مەيدانىغا يېقىن بىر رايوندا بىر گۇماندارنىڭ پىيادە كېتىۋاتقان كىشىلەرگە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

فرانس ئۇچۇر قانىلى، ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمچىنى ئېتىپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېراد كوللومب، ۋەقەگە سوغۇققانلىق بىلەن دەل ۋاقتىدا مۇداخىلە قىلغان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە رەھمەت ئېيتتى.

ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى، ئەمما، پارىژ تەپتىش خادىمىنىڭ نەق قاراپ يولغا چىققانلىقى، ئۇ يەردە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر