بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەيئىتى ئاراكاندا زىيارەتتە بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت بىرمىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدە زىيارەتتە بولدى.

962662
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەيئىتى ئاراكاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاپرېل ئېيى نۆۋەتچى رەئىسى پېرۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى گۇستاۋو مېزا كۇئادرا باشچىلىقىدىكى 15 كىشىلىك ھەيئەت ئاراكان ۋىلايىتىدە تۈرلۈك زىيارەتلەر ھەم ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

بىرمىنىڭ پايتەختى نېپىدودا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ھەيئەت ئەزالىرى، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

گۇستاۋو مېزا كۇئادرا، كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك جەھەتتىن شەرت – شارائىتلارنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆچمەنلەرنىڭ باڭلادېشقا كىېتىشتىن بۇرۇن قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلدى.

كۇۋەيتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مەنسۇر ئەلئۇتەيبەمۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئىختىيارىي ھالدا يۇرتىغا قايتىشىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئىشقا ئېشىشى لازىملىقىنى، بۇنىڭ ھەرقانداق بىر شەرتتىن، چەكلىمىدىن ۋە توسالغۇدىن خالىي ھالدا، ھەمدە بىخەتەر ۋە كۆچمەنلەرنىڭ شان – شەرەپلىرى قوغداپ قېلىنغان ئاساستا ئەمەلىيلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەيئىتى باڭلادېشقا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن بىرمىغا ئۆتۈپ، پايتەخت نېپىدودا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئائۇسەن سۇئۇچى ۋە باش ئىشتاب باشلىقى مىڭئائۇڭ خلاڭ بىلەن  كۆرۈشكەنىدى.

بىرمىدا ئارمىيە ئاۋغۇست ئېيىدا ئاراكان ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدا چېگرا كونتىرول نۇقتىلىرىغا قىلىنغان ۋە كىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلالمىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئۆلكىدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىدى.

ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئائىت ئۆي – ماكانلارغا ۋە يېزىلارغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن، پۇقرالارغا قارىتا قەتلىئام، تاجاۋۇزچىلىق ۋە قىيىن - قىستاق ۋەقەلىرى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئالدىنقى يىلدىن بۇيان 700 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلمان ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىپ، قوشنا دۆلەت باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتلاردا، ئاراكان ئۆلكىسىدە پۇقرالارنىڭ قىيىن - قىستاققا دۇچ كېلىش جىنايەتلىرىنى «ئېتنىك تازىلاش ھەرىكەتلىرى» دەپ ئاتىغانىدى.

باڭلادېش بىلەن بىرما يانۋار ئېيىدا كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

بىراق، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار  بىرمىغا قايتقانلىرىدا قايتىدىن بىخەتەرلىكلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان  ئەھۋاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى فىلىپپو گراندى فېۋرال ئېيىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىختىيارىي ھالدا ئۆز يۇرتىغا قايتىشى ئۈچۈن شەرت – شارائىتلارنىڭ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، چۈنكى بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ تېخىچە پۇقرالىق سالاھىيىتى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر