پېنتاگوننىڭ ھۆكۈمەتتىن 65 مىڭ كىشىلىك قورال ۋە ئوق - دورا تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگوننىڭ 2019 – يىللىق خامچوتى دائىرىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 – 65 مىڭ كىشى ئۈچۈن قورال ۋە ئوق – دورا تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

953017
پېنتاگوننىڭ ھۆكۈمەتتىن 65 مىڭ كىشىلىك قورال ۋە ئوق - دورا تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇرۇش فوندى، دەپمۇ ئاتىلىدىغان 2019 – يىللىق مۇداپىئە خامچوتىدىن چەت دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغۇسى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ سەرپ قىلىنىش تەپسىلاتىغا دائىر بىر پارچە ھۆججەتنى قولغا چۈشۈردى.

«2019 مالىيە يىلى چەت دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغۇسى ھەربىي ھەرىكەتلەر: دائېشقا قارشى كۈچلەرنى تەربىيەلەپ قوراللاندۇرۇش فوندىنىڭ تەپسىلاتى» ماۋزۇلۇق ھۆججەتتە، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ سۈرىيەدە 30 مىڭى ئوتتۇرا فىرات ۋادىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، 35 مىڭى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغان رايونلارنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكىنى ساقلىغۇچى بولۇپ جەمئىي 60 – 65 مىڭ ئادەم ئۈچۈن قورال، ئوق – دورا ۋە كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھۆججەتتە، «2019 – يىللىق خامچوت تەلىپى، دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارنى ئازاد قىلىش، بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ۋە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن 35 مىڭى ئىچكى بىخەتەرلىك كۈچى، 30 مىڭى توقۇنۇشقۇچى بولۇپ يەرلىك شېرىك كۈچلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشنى چۆرىدىگەن ھالدا، <سۈرىيە تەربىيەلە – قوراللاندۇر پىلانى> نى تولۇق مەنىدە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىگە ئالىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مەزكۇر ھۆججەتتە، 300 مىليون دوللارلىق خامچوتنىڭ 162 مىليون 600 مىڭ دوللىرىنىڭ قورال، ئوق – دورا ۋە ھەر خىل ۋاسىتىلەرگە ئاجرىتىلغانلىقى، 8 مىليون دوللارنىڭ نورمال تۇرمۇشقا كېرەكلىك نەرسىلەرگە؛ 28 مىليون دوللىرىنىڭ يۆتكەش – ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە؛ 101 مىليون 500 مىڭ دوللىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغانلىقى يېزىلغان.

ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان ئېھتىياجلىق قوراللار ئارىسىدا 25 مىڭ دانە ئاك-47 تىپلىق كالاشنىكوف ماركىلىق ئاپتومات، 1500 دانە مىلتىق، 500 دانە ئېغىر تىپلىق قورال، 400 دانە RPG-7 تىپلىق گىراناتاميوت، 95 دانە مەرگەن قورالى، 20 دانە 60 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ۋە 60 دانە 120 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوقى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

ھۆججەتتىكى، تەلەپ قىلىنغان 47 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قوراللار ئۈچۈن 27 مىليون دوللارلىق ئوق – دورا تەلەپ قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارمۇ دىققەتنى تارتتى.

خامچوت ئىزاھاتىدا يەنە، 820 دانە ھەر خىل تىپتىكى ئاپتوموبىللار ئۈچۈن جەمئىي 59 مىليون 325 مىڭ 600 دوللارغا ئېھتىياج بارلىقى قەيت قىلىندى.

تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئۈچۈن 8 مىليون دوللار تەلەپ قىلىنغان مەزكۇر خامچوت پىلانىدا، دۇربۇن، يول كۆرسەتكۈچ، كىچىك تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، پارتلاتقۇچى بايقاش ئاپپاراتلىرىغا ئوخشاش ياردەمچى ئاپپاراتلار ئۈچۈن 31 مىليون 182 مىڭ 700 دوللار تەلەپ قىلىندى.

ھۆججەتتە يەنە، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھاۋا توشۇمىچىلىقى، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا توشۇمىچىلىقى ئۈچۈن 28 مىليون دوللار، ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن 71 مىليون دوللار، باشقا «يوللۇق» لار ئۈچۈن 30 مىليون دوللار تەلەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھۆججەتتە، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 250 مىليون دوللار ئاجرىتىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر