ترامپ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

947859
ترامپ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ترامپ بىلەن ماكرون تېلېفون سۆھبىتىدە، 7 – ئاپرېل كۈنى سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش پىلانى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جون سۇللىۋان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى بورىن جونسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە كىرىزىسى، دۇما ھۇجۇمى، بۇ مەسىلىسىگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە قانداق قەدەملەرنىڭ تاشلىشى لازىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر