ترامپ: مېكسىكا چېگراسىغا 4 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامانلىقنى ساقلاش ئۈچۈن مېكسىكا چېگراسىغا 4 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

945899
ترامپ: مېكسىكا چېگراسىغا 4 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترەتلىرىنى ئەۋەتىش پىلانى توغرۇلۇق توختالغاندا، بۇ ئەترەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ياكى كۆپ سانلىق قىسمىنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا سېپىل سوقۇش قۇرۇلۇشى پۈتكەنگە قەدەر رايوندا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ بۇ پىلان ھەققىدە خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئېنرىكې پېنا نىئېتو، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئەگەر سىلەر ئىچكى مەسىلىلىرىڭلار سەۋەبىدىن خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلىپ، بىز توغرۇلۇق بۇنداق باياناتلارنى بېرىۋاتقان بولساڭلار، بۇ خاتىرجەمسىزلىكىڭلارنى بىزگە ئەكس ئەتتۈرمەڭلار. بىز سىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز، ئەمما سۆھبەت چوقۇم ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر