پۇتىن ئەردوغاننىڭ  يېڭى تەكلىپىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيە ئۈچۈن يېڭى تەكلىپىنى ئېلان قىلدى.

945087
پۇتىن ئەردوغاننىڭ  يېڭى تەكلىپىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «سۈرىيە» تېمىلىق ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا  تېببىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى، بۇ ھەقتە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر