ئامېرىكىدا قورال مەلۇم دەرىجىدە چەكلەندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېرىم ئاپتوماتىك قوراللارنى تولۇق ئاپتوماتىك قوراللارغا ئايلاندۇرىدىغان ئاپپاراتلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى.

936889
ئامېرىكىدا قورال مەلۇم دەرىجىدە چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا يېرىم ئاپتوماتىك قوراللارنى تولۇق ئاپتوماتىك قوراللارغا ئايلاندۇرىدىغان ئاپپاراتلارنى ئىشلىتىش چەكلەندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تاپشۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ترامپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما بۇ ئاپپاراتلارنى ئىشلىتىشنى قانۇنلاشتۇرۇپ ياخشى ئىش قىلمىغانىدى، ۋەدە بەرگىنىمگە ئوخشاش بۈگۈن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمىز بۇ ئاپپاراتلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش توغرىسىدا بايانات بېرىدۇ. قانۇنلۇق قوراللارنى قانۇنسىز ئاپتوماتىك قوراللارغا ئايلاندۇرىدىغان بارلىق ئاپپاراتلارنى چەكلەيمىز.»

دونالد ترامپ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى جېف سېسسيونمۇ قانۇنلۇق قوراللارنى قانۇنسىز ئاپتوماتىك قوراللارغا ئايلاندۇرالايدىغان بارلىق ئاپپاراتلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى تۈزۈپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، يېرىم ئاپتوماتىك قوراللارنى  تولۇق ئاپتوماتىك قوراللارغا ئايلاندۇرالايدىغان بارلىق ئاپپاراتلار «تولۇق ئاپتوماتىك قورالنىڭ ئۈسكۈنىلىرى»ھېسابلىنىپ سېتىش چەكلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر