ب د ت شىمالىي كورېيەگە قارىتا ئېمبارگو كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتتى
شىمالىي كورېيەگە يادرو پىروگراممىلىرى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنى تەكشۈرىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېمبارگو كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەنە بىر يىللىق ئۇزارتىلدى.
935282
![ب د ت شىمالىي كورېيەگە قارىتا ئېمبارگو كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/c3e8/1a89/a6d8/5a3677f39b567.jpg?time=1718875255)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئېمبارگو كومىتېتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2019 – يىلى 24 – ئاپرىلغىچە ئۇزارتىش قارارى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 15 ئەزاسىنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.
كومىتېت ئەڭ ئاخىرىقى دوكلاتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ سۈرىيەگە خىمىيەلىك قورال ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنى يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
دوكلاتتا يەنە، شىمالىي كورېيەنىڭ بىرماغىمۇ مەنئىي قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى يوللىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2006 – يىلىدىن بېرى شىمالىي كورېيەگە ياردو پىروگراممىلىرى سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.