جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە كورېىيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياپونىيە كورېىيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق پۈتۈشتى.

933072
جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە كورېىيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 3 دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا، كورېىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ «‹يونخاپ› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى چۇڭ ئەييوڭ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولۇپ، تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان.

چۇڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ھېربېرت رايموند ماكماستېر ۋە ياپونىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىچى مەسلىھەتچىسى شوتارو ياچى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، كورېىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئۈچ رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا،  كورېىيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى چۇڭ ئەييوڭ ئاق سارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشۈش تەكلىپىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ترامپنىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ ماي ئېيىدا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كىم جوڭئۇننىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يادرو قوراللىرى ياكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ئېلىپ بارمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چۇڭ، شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق ھەربىي مانىۋېرنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.

ئاق ساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرسمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ترامپنىڭ كىم جوڭئۇننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن، ئۇچرىشىشنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتىنىڭ كېيىنچە بېكىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر