ئىران ئەنگلىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە ساقچىلىرىنى ئىراننىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان زوراۋانلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

926881
ئىران ئەنگلىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇھەممەد بەكىر نوباخەت، ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ  ئىراننىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان زوراۋانلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماي خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.  

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرانا باياناتچى نوباخەتنىڭ تۈنۈگۈن بىر تۈركۈم كىشىنىڭ ئىراننىڭ لوندون ئەلچىخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمى توغرۇلۇق تاراتقۇلارغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىراننىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بالكونىغا قانۇنسىز يامىشىپ چىققان كىشىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان نوباخەت، ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتچى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە  ۋەقەگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھامانېينىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئەلى ئەكبەر ۋەلايەتىمۇ ئىران ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن ئەنگلىيە دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى. ۋەلايەتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدە خاتالىقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خالىسا بۇ بىر ئوچۇم قاراقچىلارنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن بولاتتى، دېدى.

ئۆزلىرىنى ئىرانلىق دىنى ئۆلىما ئايەتۇللاھ سادىق شىرازىنىڭ قوللىغۇچىلىرى دەپ ئاتىۋالغان بىر تۈركۈم كىشى تۈنۈگۈن كەچتە ئىراننىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بالكونىغا چىقىپ ئىران بايرىقىنى چۈشۈرۈۋېتىپ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ بايرىقىنى ئېسىپ قويدى.

ئەنگلىيە ساقچىلىرى ۋەقەگە چېتىشلىق 4 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئىراننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئەراقچى ئەنگلىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىرانلىق دىپلوماتلارنى قوغداش ۋە زوراۋانلارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئىراننىڭ لوندون ئەلچىسى ھامىد بايدىنېجادمۇ ئەلچىخانا بىنالىرىنىڭ شىرازىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراندىكى مەشھۇر ئايەتۇللاھ سادىق شىرازىنىڭ ئوغلى ئايەتۇللاھ ھۈسەيىن شىرازى، تەخمىنەن 3 ئاي ئىلگىرى ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدە ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن دىنى رەھبەر ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېينى قاتتىق تەنقىد قىلغانىدى. ئىران ھۆكۈمىتىنى ناقابىللىق بىلەن ئەيبىلىگەن شىرازى دىنى رەھبەر ھامانېينىڭ «فاقىھ ۋەكىلى»ئۇنۋانىنى مىسىر پىرئەۋىنلىرىگە ئوخشاتقانىدى.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇم شەھەرلىك دىنى ئۆلىمالار ئالاھىدە مەھكىمىسى ھۈسەيىن شىرازى ئۈستىدە قانۇنىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشكە باشلىدى ۋە ھۈسەيىن شىرازى مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر