ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قورال - ياراغ سېتىپ بېرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 47 مىليون دوللارلىق قورال - ياراغ سېتىپ بېرىدۇ.

921624
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قورال - ياراغ سېتىپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئەسى، بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىناغا قورال - ياراغ سېتىپ بېرىش پىلان – لايىھەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان.

ئامېرىكا ئۇكرائىناغا سېتىپ بېرىدىغان 47 مىليون دوللارلىق پىلان – لايىھەسى 210 دانە «جاۋېلىن» ناملىق تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 37 دانە «جاۋېلىن» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى، تېخنىكىلىق ياردەم، تەلىم - تەربىيە ۋە تىرانسپورت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«جاۋېلىن» سىستېمىسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئۇزاق مەزگىللىك دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دۆلەت مۇداپىئەسى، بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، بۇ پىلاننىڭ رايوننىڭ «ئاددىي ھەربىي تەڭپۇڭلۇق» ىنى بۇزمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باياناتتا، ئۇكرائىنانىڭ تەلىپىگە بىنائەن كىيېۋ تەمىنلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرىدىن بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر