ھىندونېزىيەدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى
ھىندونېزىيەدە بىر ئاپتوبوس ۋادىغا دۇمىلاپ كېتىپ 27 ئادەم ئۆلدى، 18 ئادەم يارىلاندى.
908163
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئانتارانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەربىي جاۋانىڭ سۇباڭ رايونىدا 50 كە يېقىن ئادەم ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبوسى موتوسىكلىت بىلەن ئۈسسۈشكەندىن كېيىن ۋادىغا دۇمىلاپ چۈشۈپ، 27 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 18 ئادەم يارىلانغان.
ئاپتوبوستىكى يولۇچىلارنىڭ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن باندۇڭ شەھىرىدىن سۇباڭغا قاراپ يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئالاقىدار تارماقلار، قازاغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.