گېرمانىيەدە 135 كۈندىن بۇيان ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە

گېرمانىيەدە 24 - سىنتەبىردە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، ئارىدىن 135 كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ، تېخىچە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە.

904550
گېرمانىيەدە 135 كۈندىن بۇيان ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىرىستىيان بىرلىكى پارتىيەلىرى بىلەن سوتسىيالىست دېموكراتىيە  پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرىلەردىن تۈنۈگۈنمۇ ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى.

خىرىستىيان دېموكراتىيە بىرلىكى پارتىيەسى رەئىسى شۇنداقلا باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل خىرىستىيان سوتسىيالىست دېموكراتىيە  پارتىيەسى رەھبىرى ھورست سېخولفېر ۋە سوتسىيالىست دېموكراتىيە  پارتىيەسى رەئىسى مارتىن سىچولىزنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيەلەرنىڭ مۇزاكىرە ھەيئەتلىرى پايتەخت بېرلىندا سوتسىيالىست دېموكراتىيە پارتىيەسى مەركىزىدە تۈنۈگۈن (5-فېۋرال)  ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

ھەيئەتلەر تەخمىنەن 10 سائەتكىچە پىكىر ئوخشىماسلىقىلىرى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى، بىراق ھېچقانداق نەتىجەىگە ئېرىشەلمىدى.

خىرىستىيان دېموكراتىيە بىرلىكى پارتىيەسىدىن سىچلېسۋىگ- خولستېن ئۆلكىسى رەئىسى دانىئېل گۈنتېر سوتسىيالىست دېموكراتىيە پارتىيەسى مەركىزىدىن چىقىشتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۈگۈنمۇ مۇزاكىرىلەرنى داۋملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالىي بولغان مەسلىلەرگە ئىجابىي قارايدىغاندىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىرىستىيان دېموكراتىيە بىرلىكى پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى جۇلىيا كىلوكنېر مۇزاكىرىلەرنىڭ سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئاخىرىلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مالىيە ۋە تاشقى سىياسەتتىن باشقا يەنە، سەھىيە ۋە خىزمەت ھەق – ھوقۇقى مەسىلىلىرىدە پىكىر ئوخشىماسلىقىلىرى كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

سوتسىيالىست دېموكراتىيە  پارتىيەسى باش كاتىپى بارس كلىنبېل مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىرىستىيان دېموكراتىيە بىرلىكى پارتىيەسى، خىرىستىيان سوتسىيالىست دېموكراتىيە  پارتىيەسى ۋە سوتسىيالىست دېموكراتىيە  پارتىيەسى مۇزاكىرىلەرنى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىشقان بولۇپ، بىراق بەزى مەسىلىلەردە كېلىشەلمىگەندىن كېيىن، مۇزاكىرىلەر تۈنۈگۈنگە كېچىكتۈرۈلگەن ۋە بۈگۈن ئەتىگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش قارارىنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر