ماتتىس: ھازىر تۈركىيە بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ  تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنىڭ ۋاقتى ئەمەس

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس تۈركىيە بىلەن مەنبىچ مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، ئەمما ھازىر سۆھبەتنىڭ  تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنىڭ ۋاقتى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

902547
ماتتىس: ھازىر تۈركىيە بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ  تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنىڭ ۋاقتى ئەمەس

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ماتتىس، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د ۋە دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى «مەنبىچ رايونى» غا كېڭەيتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىقلى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ماتتىس تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «مەنبىچ رايونى» غا كىرىپ كىرمەيدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە ھازىرچە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىر بۇ ھەقتە تۈركىيە بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ  تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنىڭ ۋاقتى ئەمەس. بۇنداق مەسىلىلەردە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جامائەتچىلىكلىرىنىڭ ھېسسىياتلىرى ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ، شۇڭا بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىش ئىشلارنى تېخىمۇ چىگىشلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. بىر – بىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتقان مەنپەئەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى پەقەت مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىقلا ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. پەقەت شۇنداق دېيەلىشىمىز مۇمكىن: بۇ نۆۋەتتە بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيە بىلەن ئاكتىپ ھالدا تالاش – تارتىش قىلىدىغان مەسىلىدۇر.»   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر