دونالد ترامپ تالىبان بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تالىبان بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

899797
دونالد ترامپ تالىبان بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى بىلەن خىزمەت زىياپىتىدە ئۇچرىشىپ، ئافغانىستاندا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ترامپ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ: «زالىملارچە ئۆز خەلقىنى ئۆلتۈرمەكتە. ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىگۇناھ ئايال ۋە كىچىك بالىلار. بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئىش. ھېچ كىشى تۈگىتەلمىگەن ئىشنى بىز تۈگىتىمىز. تالىبان بىلەن تىنچلىق مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزۈشنى خالايمەن. بەلكى بىر كۈنى ئۇچرىشىشىمىز مۇمكىن، بىراق ئۇ كۈن بەك ئۇزاقتا. بىز تۇگىتىشكە تېگىشلىك ئىشنى تۈگىتىمىز» دېدى.

دونالد ترامپ ئاۋغۇست ئېيىدا جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان ۋە تالىبانغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن  ئافغانىستانغا يەنە 3 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى يوللاشنى قارار قىلغان ئىدى.

ترامپ يەنە ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پاكىستانغا يوشۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىستاننىڭ تىررېتورىيەسىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلارغا قارشى قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەلەب قىلغان ئىدى.

پاكىستان بولسا، ترامپنىڭ «پاكىستان تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا قۇچاق ئاچتى» دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان ئىدى.

ئاق ساراي دائىرىلىرى يەنە، ئىسلام ئاباد دائىرىلىرى، ئافغانىستان تالىباتلىرىغا ۋە ھەققانىي گۇرۇپپىسىغا قارشى كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىغانغا قەدەر پاكىستانغا قىلىنىدىغان 900 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ھەربىي يارىدەمنىمۇ توڭلىتىپ قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر