خىتاي ئامېرىكىنى «مەسىلە پەيدا قىلىش»بىلەن ئەيىبلىدى

خىتاي ئامېرىكىنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا مەسىلە پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

894054
خىتاي ئامېرىكىنى «مەسىلە پەيدا قىلىش»بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئامېرىكىغا جەنۇبىي خىتاي مەسىلىسى سەۋەبىدىن نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي تاراتقۇ ئورگىنى بولغان «كۈندىلىك خەلق گېزىتى» ئامېرىكىنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا مەسىلە پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

گېزىتنىڭ باش ماقالىسىدە ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوننى ھەربىي رايون تۈسىگە ئايلاندۇرۇۋاتقان تەرەپنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىگە زىت ھالدا ھەرىكەت قىلماقتا»دېيىلگەن ماقالىدە «ئامېرىكىنىڭ <  USS Hopper  > ناملىق راكېتامىيوت پاچاقلىغۇچىلىرىنىڭ 17-يانۋاردا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى خۇاڭيېن ئارىلىدىن 12 دېڭىز مىل ئۇزاقلىقتىكى جايلارغا رۇخسەتسىز كىرگەنلىكى»ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

گېزىتتە يەنە  «ئامېرىكا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا مەسىلە پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا ھۆكۈمىتىمىز  رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ»دېگەن قاراشمۇ تەكىتلەندى.

«كۈندىلىك خەلق گېزىتى»تارمىقىدىكى ئىنگىلىزچە چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقىت»گېزىتىدە  ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە «ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ پەرۋاسىزلەرچە قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى»ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر ماقالىدە «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى رايونغا يا تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشى مۇمكىن ياكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ھەربىي رايونغا ئايلاندۇرۇشقا تېخىمۇ كۈچىىشى مۇمكىن»دېيىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى <  USS Hopper  > ناملىق راكېتامىيوت پاچاقلىغۇچىلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا «دېڭىزدا سەير قىلىش ئەركىنلىكى دائىرىسىدە نورمال ھەرىكەت قىلغانلىقىنى»بىلدۈرۈپ بايانات بەرگەنىدى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ دېڭىز بېكەتلىرى ۋە مول ھېدروكاربون زاپىسىغا ئىگە بولغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خىتاي،  مالايشىيا، ۋىيېتنام، بىرۇنېي،  تەيۋەن ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر