شىمالىي كورېيەگە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئېمبارگو كاچىتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى شىمالىي كورېيىگە قوشۇمچە ئېمبارگو قارارى ماقۇللىدى.

884297
شىمالىي كورېيەگە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئېمبارگو كاچىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى يادرو ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى تۈپەيلىدىن شىمالىي كورېيەگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ماس ھالدا قوشۇمچە ئېمبارگو قارارى ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيەگە يولغا قويۇلغان چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر دائىرىسىدە، يەنە 16 كىشى ۋە 1 ئورگان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈرۈلدى. 

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇمچە ئېمبارگو تىزىملىكىدە مال – مۈلكى توڭلىتىپ قويۇلغان ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلغان ب د ت نىڭ قارارىغا ماس كېلىدىغان 54 ئورگان بىلەن 79 كىشى بارلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ 41 كىشى ۋە 10 شىركەتكىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

ياۋروپا ئىتتىپاقى شىمالىي كورېيەگە ئەڭ دەسلەپ 2006 – يىلىدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى  باشلىغان ئىدى.

تېخى يېقىندىلا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتتا، شىمالىي كورېيەگە يولغا قويۇلىدىغان قوشۇمچە ئېمبارگولار دائىرىسىدە، شىمالىي كورېيەگە نېقىت مەھسۇلاتلىرى ۋە خام نېفىت سېتىشنى پۈتۈنلەي مەنئىي قىلغان ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان شىمالىي كورېيە پۇقرالىرىدىن مەملىكىتىگە قايتۇرۇۋرېتىدىلىغان ئىشچىلارنىڭ تاشقىي پىرۇۋىت ئۆلچىمىنى 15 مىڭ ياۋرودىن 5 مىڭ ياۋروغا چۈشۈرگەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە تۇرۇشلۇق شىمالىي كورېيە پۇقرالىرىنىڭ ئىشلەش رۇخسىتىنىڭمۇ ئۇزارتلماسلىقى ۋە يېڭىلاپ بېرىلمەسلىكى قارار قىلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر