تەيۋەننىڭ يېڭى بىئوستاتىستىكىلىق پاسپورتلىرىدا چوڭ خاتالىق بايقالدى

تەيۋەننىڭ يېڭى بىئوستاتىستىكىلىق پاسپورتلىرىدا كـۆرۈلگەن سەتچىلىك تۈپەيلىدىن ئالاقىدار مىنىستىرلىق خەلقتىن كەچۈرۈم سورىدى.

877625
تەيۋەننىڭ يېڭى  بىئوستاتىستىكىلىق پاسپورتلىرىدا چوڭ خاتالىق بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەننىڭ يېڭى بىئوستاتىستىكىلىق پاسپورتلىرىدا تايپىنىڭ تويۇئەن دېگەن يېرىنىڭ ئورنىغا خاتا ھالدا ۋاشىنگىتوندىكى داللېس خەلقئارا ئايرودورۇمىنىڭ رەسىمى قويۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

يېڭى پاسپورت دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن تارقىتىلىشقا باشلانغاندىن بولۇپ، ئىستېمالچىلار تەرىپىدىن بايقالغان بۇ خاتالىق، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىسترىلىقى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىندى. 

تەيۋەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى كىشىلەرگە تارقىتىلغان 285 يېڭى پاسپورتنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلدى.

200 مىڭ پاسپورتنىڭ قايتىدىن بېسىلىدىغانلىقى ۋە مىنىسترىلىقنىڭ بۇ خاتالىق ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاسپورتتىكى رەسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېكىتى ۋايبو ۋە فېسبۇكتىمۇ كەڭ ھەمبەھىرلىشىلدى. 

بىر نەپەر ۋايبو ئىشلەتكۈچىسى: «بۇ ئادەم ئۆز ئايرودورۇمىنىڭ نېمىگە ئوخشايلدىغانلىقىنىمۇ بىلمەمدۇ؟» دەپ ئىنكاس قايتۇردى.  

شەكىلى يېڭىلانغان بىئوستاتىستىكىلىق پاسپورتلارنىڭ بىر ئاي ئىچىدە پۈتۈپ چىقىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تەلەپ قىلغانلارغا بولسا، كونا بىئوستاتىستىكىلىق پاسپورتلارنىڭ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر