سۈرىيەدە ئىرانلىق 6 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى
سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ئىرانلىق 6 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى.
![سۈرىيەدە ئىرانلىق 6 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/55c9/4ab8/d6ba/5a44c69ea3b12.jpg?time=1718462568)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنىڭ 6 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى.
مېھر خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە كۆرە، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنىڭ 6 ئەسكىرى «پاتىمىييۇم» ۋە «زەينەبىييۇم»ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان قۇم شەھىرىدىكى بەھەشتى مەسۇمە مازارلىقىدا يەرلىككە قويۇلغان.
رەسمىي بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن ئىرانلىق ئەسكەرلەرنىڭ سانى 2400گە يەتكەن.
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئىنقىلابچى مۇھاپىزەتچىلەر قىسىملىرى ئىرانغا كۆچۈپ كەلگەن ئافغانىستانلىقلاردىن تەشكىل تاپقان «پاتىمىييۇن قىسمى» ۋە پاكىستان پىدائىيلىرىدىن تەشكىل تاپقان «زەينەبىييۇم قىسمى»نى ئۇرۇشقا بىرىنچى بولۇپ ئەۋەتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718462569)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.