ئىسرائىلىيەدە نېتانىياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىسرائىلىيەدە چىرىكلىك قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەنگەن باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

869820
ئىسرائىلىيەدە نېتانىياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋگە يىغىلغان مىڭلارچە ئىسرائىلىيەلىك چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا چۈشۈپ قالغان باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانىياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

تىل ئاۋىۋدىكى روتچىلىد كوچىسىغا يىغىلغان نامايىشچىلار نېتانياھۇغا قارشى شوئار توۋلاپ خابىمە مەيدانىغىچە يۈرۈش قىلدى.

«نېتانياھۇنى چىرىكلىك دېلوسىدىن خالاس قىلىش»ئۈچۈن تەييارلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ساقچىلارنىڭ ئەمەلدارلارغا چېتىشلىق دېلولاردا تەپتىش خادىملىرىغا سوتقا ئەرز قىلىشنى تەۋسىيە قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشكەن نامايىشچىلار، نېتانياھۇنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر