ناتو ئۇكرائىنانى قوللاش ۋە ھەربىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ناتونىڭ بىرەسمىي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چېخىيە پايتەختى پىراگاغا يېتىپ باردى.

2145859
ناتو ئۇكرائىنانى قوللاش ۋە ھەربىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 31-31-ماي كۈنلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرەسمىي يىغىنىدا، 11-9-ئىيۇل (2024) كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ تەييارلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىندا، ناتونىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇداپىئە ۋە ھەربىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانى قوللاش ۋە ناتونىڭ جەنۇبىي قانىتىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ يىغىنغا ئىككى ئاساسىي كۈنتەرتىپ بىلەن قاتنىشىدىغانلىقى؛ بىرىنچى ماددىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش. ئىككىنچى ماددىنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇ يىغىندا يەنە، ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېمبارگو ۋە چەكلىمىلەرنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، بۇنداق بولمىغاندا ئىتتىپاقنىڭ كۈچىيىشىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى  تەكىتلەيدۇ.

ئۇ پىراگادا بەزى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر