ئىيوردانىيە ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نوتا تاپشۇردى

ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، مەسجىدى ئەقساغا قارىتىلغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلار سەۋەبىدىن ئىسىرائىلىيەگە نوتا تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

860659
ئىيوردانىيە ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە پېترا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇھەممەد ئەلمۇمەنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسادا قىىلۋاتقان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ، بولۇپمۇ رادىكال يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھەر كۈنى ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلغان ھالدا كىرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

باياناتچى مۇھەممەد ئەلمۇمەنى بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلەرچە قىلىنىۋاتقان ۋە ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەرنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىسىرائىلىيە بۇ خىلدىكى قىلمىشلىرى بىلەن شەرقىي قۇددۇستا ئىشغالىيەتچى كۈچ بولۇپ، خەلقئارالىق قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.

ئۇ باياناتىدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىنى زىدىلىگەنلىكىنى؛ بۇ ھەركەتلەرنىڭ دىنلارغا ئائىت بارلىق ئىبادەت جايلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدىغان خەلقئارالىق كېلىشىم ۋە پىرىنسىپلارنى دەپسەندە قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەسجىدى ئەقساغا قىلىنىۋاتقان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نوتا ئەۋەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن.

باياناتچى مۇھەممەد ئەلمۇمەنى باياناتىدا، ئاشقۇن يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ قۇببەتۇس ساھرانىڭ ھويلىسىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى، ئىسىرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ قانۇنىي ۋە تارىخىي سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش خاراكتېرىدىكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەمدە داۋاملىشىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىش مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلغان.

مۇھەممەد ئەلمۇمەنى باياناتىدا، ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلەردىن دەرھال ۋاز كېچىش كېرەكلىكىنى ۋە رايوننىڭ تارىخىي ئورنىنىڭ قوغدىلىشىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قوبۇل قىلىنغان تىنچلىق كېلىشىملىرىدە ئەسكەرتىلگىنىدەك، شەرقىي قۇددۇستىكى مۇقەددەس جايلارغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىيوردانىيە ۋەخپىلەر مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق قۇددۇستىكى ئىسلامىي ۋەخپىلەر ئىدارىسى بۈگۈن (4-نويابىر) ئەتىگەن ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ بىر توپ يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىپ، قۇببەتۇس ساھرا ھويىسىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى، ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قۇببەتۇس ساھرانىڭ ھويلىسىغا چىقماقچى بولغان يەھۇدىي كۆچمەنلەرنى توسقان ۋەخپىلەر ئىدارىسىغا تەۋە ئەقسا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا بويسۇنمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى 2003-يىلدىن بۇيان يەھۇدىي كۆچمەنلەرنى ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلسا، مۇسۇلمانلارنىڭ كىرىشىگە ياش چەكلىمىسى قويماقتا. ئىسىرائىلىيەدىكى نۇرغۇنلىغان رادىكال تەشكىلات ۋە سىياسەتچىلەر، ئۈستىدە بۇرۇن ئىككى قېتىم ئۆرۈلۈپ كەتكەن يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەرەمى شەرىفنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلىشىنى چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر