بېيجىڭ: شىمالىي كورېيە چېگراسىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرنىڭ ھېچبىر دۆلەتكە قاراتمىلىقى يوق

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ چىيەن، دۆلىتىنىڭ شىمالىي كورېيە چېگراسىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ھېچبىر دۆلەتكە قاراتمىلىقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

858544
بېيجىڭ: شىمالىي كورېيە چېگراسىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرنىڭ ھېچبىر دۆلەتكە قاراتمىلىقى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ چىيەن پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئايلىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شىمالىي كورېيە چېگراسىغا يېقىن خورچىن داغلىق رايونىدا ئۆتكۈزگەن مانېۋىر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ يىللىق نورمال ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «(مانېۋىرنىڭ) ھېچبىر دۆلەتكە قاراتمىلىقى يوق» دېدى.

ۋۇ چىيەن، پىيوڭياڭنىڭ تۈنۈگۈنكى قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن كېيىن، «شىمالىي كورېيەگە ھەربىي بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى» توغرىسىدىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىپادىلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ھەربىي كۈچ، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر