ترامپ: شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە خىتاي قاتارلىق ئەللەر بىلەن ئوخشاش نۇقتىدا ئۇچراشتۇق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «شىمالىي كورېيە تەھدىتىگە قارشى خىتاي قاتارلىق رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق بىر سىزىقتا ئۇچراشقانلىقى» نى ئېيتتى.

848692
ترامپ: شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە خىتاي قاتارلىق ئەللەر بىلەن ئوخشاش نۇقتىدا ئۇچراشتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيادىكى بىر قانچە دۆلەتكە قاراتقان زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتقاندىن كېيىن ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، خىتاي، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىندىكى زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، «شىمالىي كورېيەنى يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇشىمىز لازىم. زىيارىتىمنىڭ تۈپ مەقسەتلىرىنىڭ بىرى دۇنيانى شىمالىي كورېيەنىڭ يامانلىقىغا قارشى بىرلەشتۈرۈش ئىدى» دېدى.

ترامپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بۇ جەھەتتە ئوخشاش قاراشقا ئىگە بولغانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دونالد ترامپ زىيارىتى جەريانىدا يەنە، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مەنپەئەتلىرىنى قوغداش» ۋە «رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئادىل شۇنداقلا ئۆزئارا سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالاش» ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا مىلياردلارچە دوللارلىق يېڭى كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆز دەۋرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جورج ۋ.بۇشنىڭ 1992 – يىلىدىكى ئاسىيا زىيارىتىدىن بۇيان بۇ رايوندا ئەڭ ئۇزۇن زىيارەتتە بولغان ترامپ، تەرتىپى بويىچە ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، خىتاي، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىن قاتارلىق ئەللەردە جەمئىي 13 كۈن زىيارەتتە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر