رۇسىيە تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى تاشقى ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئىدارىسى بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 3 ئادەم قازا قىلدى.

844368
رۇسىيە تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى – تاسنىڭ جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، تۈنۈگۈن كەچتە تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسى بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى، قازادا 3 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 7 ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىگە دائىر تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر