ئامېرىكا رۇسىيەگە يەنە ئېمبارگو قويدى

ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنى بىر قىسىم لايىھەلەردە رۇسىيە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى چەكلىدى.

838202
ئامېرىكا رۇسىيەگە يەنە ئېمبارگو قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ  ئابىسال بەلۋاغلىرى، ئارتىك، شىستكە ئالاقىدار لايىھەلەردە رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى چەكلىدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنسىتىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا پۇقرالىرى  شىركەت ئىجازەتنامەسى ياكى چەت ئەلدىكى مال-مۈلۈكلەرنى كونترول  قىلىش رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى قىلىشتىن چەكلىنىدۇ: ئابىسال بەلۋاغلىرى، ئارتىك ۋە شىستكە ئالاقىدار لايىھەلەر دائىرىسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش،  تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.»

بۇ چەكلىمە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ياكى كېيىنچە كىرگۈزۈلىدىغان بارلىق رۇسىيە پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

مەزكۇر چەكلىمە يەنە 2018-يىلى 29-يانۋاردا يولغا قويۇلىدىغان مۇناسىۋەتلىك لايىھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر