نيۇ يوركتا قانلىق ۋەقە يۈز بەردى؛ ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە بىر كىشىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ۋېلىسىپىت يولىغا ھەيدەپ كىرىشى نەتىجىسىدە 8 ئادەم ئۆلدى، 15 ئادەم يارىلاندى.

838232
نيۇ يوركتا قانلىق ۋەقە يۈز بەردى؛ ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلى، دۇنيا سودا مەركىزىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، شوپۇرنىڭ ۋېلىسىپىت يولىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈپ ئەتراپقا ئوق چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بومبا چۇۋۇش خادىملىرىنىمۇ ئەۋەتتى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئەمەلدارلىرى ۋە نيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بىل دې بلاسىئو، ۋەقەنىڭ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. دې بلاسىئو، 6 ئادەمنىڭ نەق مەيداندا، ئىككى ئادەمنىڭ دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نيۇ يورك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى جېيمس ئونېئىل بولسا، ھۇجۇمچىنىڭ بىر كىرالىق ئاپتوموبىلنى ۋېلىسىپىت يولىدىكى كىشىلەرنىڭ قارىتىپ ھەيدەۋاتقان ئەسنادا بىر مەكتەپ ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ توختىغاندىن كېيىن،  قولىدىكى ئىككى دانە ئويۇنچۇق قورالنى كۆتۈرگەن ھالدا ئاپتوموبىلدىن چۈشكەن ھۇجۇمچىنى ساقچىلارنىڭ قورسىقىغا ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرۇش ئارقىلىق نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

نيۇ يورك ۋالىيسى ئاندرېۋ كۇئومو بولسا، ھۇجۇمچىنى «يالغۇز بۆرە» دەپ ئاتىدى ۋە ئۇنىڭ يالغۇز ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ساقچىلارنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋەرلىرىدە، ھۇجۇمچىنىڭ ئۆزبېكىستاندىن 2010 – يىلى ئامېرىكىغا بارغان سەيفۇللاھ ھەبىبۇللايىۋېچ سائىپوۋ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

خەۋەرلەردە، ۋەقەدە ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىلدا ھۇجۇمنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدىن قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىنگلىزچە بىر خەت تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ساقچىلار تەرىپىدىن چەمبەر ئىچىگە ئېلىنغان نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈشلەر يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشتى. «جادۇگەرلەر بايرىمى» تەبرىكلىنىدىغان كۆپلىگەن جايلاردىكى خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.

ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھۇجۇمغا ئالاقىدار سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى. باياناتتا، «دۇئالىرىمىز، نيۇ يوركتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قۇربانلىرى ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرگە. ھۆكۈمىتىم نيۇ يورك ساقچىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا تولۇق ھەمنەپەس بولىدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا دەسلەپكى مۇداخىلىنى قىلغانلارغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن تەقىب قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ترامپ، ھۇجۇم توغرىسىدا تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىقمۇ ئۇچۇر تارقىتىپ «ئوتتۇرا شەرقتە ياكى باشقا بىر يەردە يەڭگەندىن كېيىن، دائېشنىڭ دۆلىتىمىزگە قايتىشىغا ياكى كىرىشىگە يول قويماسلىقىمىز لازىم. يەتسۇن! ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىمىزغا ئەسلىدىنلا چىڭ بولغان «كۈچلۈك بىخەتەرلىك پىلانىمىز» نى تېخىمۇ چىڭىتىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردۇم...» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر