كالىفورنىيەدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتادا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 15 كە يەتتى.
![كالىفورنىيەدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f4b6/c4ab/9dbd/59ddc2bb170bc.jpg?time=1718444906)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 150 كىشى ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، يۈزلەرچە ئۆي - ماكان ۋە ئىش ئورۇنلىرى ۋەيران بولغان ۋە تېخىچە كونترول ئاستىغا ئېلىنالمىغان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ بەزى رايونلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
خەۋپ ئاستىدىكى رايونلاردىن كەم دېگەندە 20 مىڭ كىشى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
شامالنىڭمۇ تەسىرىدە تېخىمۇ يامراپ كەتكەن ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە 73 دۆنۈملۈك يەر زىيانغا ئۇچرىدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىمالىي كالىفورنىيەنىڭ ناپا، سونوما، بۇتتې، نېۋادا قاتارلىق كۆپلىگەن رايونلىرىدا ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن جىددىي خىزمەت ئىشلىمەكتە ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718444907)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.