ئامېرىكا خەلقىنىڭ %30ى ساقچىلىرىغا ئىشەنمەيدىكەن

ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ھەدىدىن زىيادە كۈچ ئىشلىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

817638
ئامېرىكا خەلقىنىڭ %30ى ساقچىلىرىغا ئىشەنمەيدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندىكى كۈچ ئىشلىتىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشى بىلەن جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىمۇ ئاشماقتا.

ئامېرىكىدا 50 ئىشتات ۋە پايتەخت ۋاشىنگىتوندا 7 يىل مابەينىدە 7000 ساقچى ھەر خىل جىنايى قىلمىشلار تۈپەيلى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.  

زوراۋانلىق، باسقۇنچىلىق، يالغانچىلىق قىلىش ۋە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قاتارلىق قىلمىشلار ساقچىلارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا  سەۋەب بولغان  ئاساسلىق جىنايى قىلمىشلار ھېسابلىنىدىكەن.

فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، 2016-يىلى ساقچىلار ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ سانى 1152 ئىكەن.

ئامېرىكىدا يىلدا ئوتتۇرىچە 1000دىن ئارتۇق ساقچى تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلار تۈپەيلى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىغان بولۇپ، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ساقچىلارنىڭ %93نى ئەر ساقچىلار تەشكىل قىلىدىكەن.

دوكلاتغا ئاساسلانغاندا، نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ساقچىلارنىڭ %91ى يا ئىشتىن قوغلانغان ياكى ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرىي ئىستېپا بەرگەن.

راي سىناشقا قارىغاندا ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ %30ى ساقچىلارغا ئىشەنمەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر