كەشمىردە ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ھىندىستان – پاكىستان چېگراسىغا جايلاشقان كەشمىر رايونىدا ئېلىپ بارغان شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ھۇجۇمىدا 4 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 6 كىشى ئۆلدى، 26 كىشى يارىلاندى.

812227
كەشمىردە ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاپپار، ھارپار ۋە چارۋا رايونلىرى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا يارىلانغانلاردىن 15 ى ئايال، 5 ى نارىسىدە بالا  بولۇپ، پاكىستان ئارمىيەسى بۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر