ئەنگلىيە بىرما بىلەن بارلىق ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي، ئەنگلىيەنىڭ بىرما ئارمىيەسى بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى ۋە بىرماغا قىلىۋاتقان ھەربىي ياردەملەرنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

810437
ئەنگلىيە بىرما بىلەن بارلىق ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېرېسا مەي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن نىيۇ يوركتا زىيارەت بولماقتا. بۇ ئەسنادا بىرمادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە بايانات بېرىپ، «بىرمادا ئاراكانلىقلار دۈچ كەلگەن ۋەقەلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭقۇر قايغۇردۇق. ئۇلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت دەرھال توختىتىلىشى لازىم» دېدى.

تېرېسا مەي نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈنلا دۆلىتىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىرما رەھبىرى ئۇڭ سان سۇ چى ۋە بىرما ھۆكۈمىتى، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىشى لازىم» دېدى.

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۈچ كەلگەن ۋەقەلەرگە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭمۇ قايغۇرىۋتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈن بۇ مەسىلە ھەل بولغانغا قەدەر بىرما ئارمىيەسى بىلەن مۇداپىئە ساھەسىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەمدە قىلىۋاتقان ھەربىي ياردەملىرىمىزنى توختاتقانلىقىمىزنى ئېلان قىلىمىز» دېدى.

ھەربىي ياردەملەردىن باشقا يەنە، رەسمىي مەلۇماتلارغا كۆرە، ئەنگلىيە بىرماغا ھەر يىلى 305 مىڭ فوندسىتېرلىنلىق خامچوت ئاجرىتىپ، دېموكراتىيە، رەھبەرلىك ۋە ئىنگىلىز تىلى ئۆگىتىش ئۈچۈن ياردەم قىلىپ كەلمەكتە. 

بىرمادىكى زورۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن 25 – ئاۋغۇستتىن بېرى مىڭلىغان مۇسۇلمانلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

بىرما ھۆكۈمىتى رايونغا كىرىپ – چىقىشنى چەكلىگەن بولغاچقا ھاياتىدىن ئايرىلغان كشىلەرنىڭ تولۇق سانىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە.

ھۇجۇم جەريانىدا بىرما ئارمىيەسى ۋە ئاشقۇن بۇددىستلار تەرىپىدىن 200 گە يېقىن يېزا كۆيدۈرۈپ تاشلانغان ياكى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان ئىدى.

ئون مىڭلىغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن رايوندىن قېچىشقا تىرىشماقتا. بىرمادىن قېچىپ چىققان پۇقرالار تاغلىق رايونلار ياكى ناف دەرياسى ۋە ياكى دېڭىز ئارقىلىق باڭلادىشقا قاچماقتا.

باڭلادىشقا 25 – ئاۋغۇستتىن بۇيان 421 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر