ئامېرىكا شىمالىي ئىراقتىن رېفېرامدۇمنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكا شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت (كورد) ھۆكۈمىتىنىڭ25-سېنتەبىردە ئۆتكۈزمەكچى بولغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

806797
ئامېرىكا شىمالىي ئىراقتىن رېفېرامدۇمنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى برېت مىگۇرك شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق پارلامېنتىدىن رېفېراندۇمنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ شىمالىي ئىراق زىيارىتى دائىرەسىدە، سۇلايمانىيەدىكى گوران (ئۆزگىرىش) ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆمەر سەيىد ئەلى بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈش ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. گوران ھەرىكىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر مەسئۇلى ھوشيار ئۆمەر مۇھىم يىغىن ئاچقانلىقلىرىنى، ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ ئۆزلىرىگە ئۈچ ئىشتىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭ بىرىنچىسى، برېت مىگۇرك ئامېرىكا تولۇق %100 رېفېراندۇمغا قارشى، بۇنىڭ سىرتىدا دېيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى توغرا ئەمەس. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە رېفېراندۇم توغرىسىدا ناھايىتى مۇھىم باياناتلار ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئىككىنچىسى، رېفېراندۇمنىڭ شىمالىي ئىراق رايونلۇق پارلامېنت تەرىپىدىن كېچىكتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئۈچىنچىسى، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ئالدىمىزدىكى ھەپتە ب د ت دا يېڭى رامكا ئىچىدە ئەربىل بىلەن باغداد ئوتتۇرىسىدا مۇھىم كۆرۈشۈشلەرنىڭ باشلىنىشىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.»

مىگۇركنىڭ ئەربىلدە رېفېراندۇمنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پىرېزىدېنتى مەسۇت بارزانى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىگۇرك باغدادتا ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئىبادى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر