نىيۇ يوركتا ئاراكانالىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئامغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بىرمىنىڭ نىيۇ يوركتىكى ب د ت  دائىمىي ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئامغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

804037
نىيۇ يوركتا ئاراكانالىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئامغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر خىل مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان ئامېرىكىلىقلار نىيۇ يوركنىڭ مانھاتىن رايونىغا جايلاشقان 77 - كوچىدىكى بىرمىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرما ئارمىيەسىنىڭ «قورالللىق ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش» نى باھانە قىلىپ، ئاراكان ئۆلكىسىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئامى ۋە زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشقا تۈرك – ئامېرىكا جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن نىيۇ يوركتا ياشاۋاتقان تۈركلەرمۇ قاتناشتى. نامايىشچىلار، «بۇرۇن رۇئاندادا، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، نۆۋەتتە بىرمىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلمەكتە»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن نوبېل مۇكاپاتى»، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئويغان»، «پەلەستىندىن تارتىپ روھىڭياغىچە مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم – سىتەمگە سۈكۈت قىلالمايمىز»، «روھىڭيالىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىمۇ كىشىلىك ھوقۇقلار دائىرىسىگە كىرىدۇ» ۋە «روھىڭيالىقلارغىمۇ پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىلسۇن» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈۋالغانىدى.

نامايىشقا قاتناشقان تۈرك جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى شەۋكىيە سۇن ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەردە يىغىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى بىرمىدىكى مۇسۇلمانلارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇمنى، بولۇپمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەش. بۇ كەڭ كۆلەملىك قەتلىئامغا تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتمۇ كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ، سۈكۈت قىلماقتا. شۇڭا ئاراكاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قان ئاقماقتا، نارىسىدە بالىلار قەتل قىلىنماقتا.»

نامايىشا، بىرما ھۆكۈمىتىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا تارقىتىپ بېرىشىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ  «قورالللىق ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش» نى باھانە قىلىپ، ئاراكان ئۆلكىسىدە مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 25 – ئاۋغۇستتىن بۇيان كۆپ ساندا ئاراكانلىق مۇسۇلمان پۇقرالار ھاياتىدىن ئايرىلدى، 60 تىن كۆپ يېزا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئونلارچە يېزىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر