تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيەنىڭ 29 – ئاۋغۇست كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
798876
![تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/c7e4/2272/d8d4/59a666b3d963d.jpg?time=1718878805)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا خىلاپلىق قىلىپ ۋە خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ساقىت قىلىپ، پەرۋاسىزلارچە پوزىتسىيە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «شىمالىي كورېيە رايونلۇق، خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا تەھدىت سالىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە دەرھال خاتىمە بېرىشى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.»