گابرېيىلنىڭ سۆزلىرى گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپىمۇ؟

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە سىياسىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.

797793
گابرېيىلنىڭ سۆزلىرى گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىگمار گابرىيېل، بۇ مەسىلىنى ئېتىراپ قىلىش ماھىيىتىدە سۆز قىلدى. ئۇ، تۈركىيەگە بېسىم پەيدا قىلىش مەقسىتىدە يولغا قويغان ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا دۆلەتلىرىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

زىگمار گابرىيېل، بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئوچۇق ئىشىك كۈنى» پائالىيىتى دائىرىسىدە خەلق بىلەن ئۇچرىشىپ، تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىگە خاتىمە بېرىش يولىدىكى چاقىرىقلىرىغا قارشى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق بىر قەدەم تاشلىشىنىڭ تۈركىيەدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش پىكرىنى ياقلايدىغان قاتلاملارغا خاتا سىگنال بېرىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گابرىيېل، ئۆزىنىڭ تۈركىيە – گېرمانىيە دوستلۇقىنى كاتتا بىر خەزىنە، دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، «بىز تۈركلەرگە ۋە تۈركىيەگە قارشى ئەمەسمىز. دەل ئەكسىچە، بۇ ئورتاق تەرەپلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك خەزىنىنىڭ قايتىدىن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان پەيتنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

زىگمار گابرىيېل، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىتتىپاقىدىكى ئورنىنىڭ دەتالاش تېمىسى ئەمەسلىكىگىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى ۋە تۈركىيەنىڭ غەربتىن يىراقلىشىپ، رۇسىيەگە يېقىنلىشىشىنى ئارزۇلىمايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر