ئىران ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا دەرھال جاۋاب قايتۇردى

ئىران پارلامېنتى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

788980
ئىران ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا دەرھال جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پارلامېنتى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن يادرو پائالىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا 520 مىليون دوللارلىق راسخوت ئاجرىتىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران پارلامېنتى باياناتچىسى ئەلى لارىجانىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىغا ئورۇن ئاجرىتىلدى. «ئامېرىكلىقلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ بىزنىڭ تۇنجى قەدىمىمىز ئىدى»دېگەن لارىجانى بۈگۈن ماقۇللانغان قانۇن لايىھەسىنىڭ «ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تېررورلۇق ۋە تەۋەككۈلچىلىك قىملىشىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى»مەقسەت قىلىپ تەييارلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلگىرى ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرانلىق 18 شەخس ۋە ئورۇنغا تېھراننىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسىنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك يېڭى ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرگەنىدى.

تېھران ھۆكۈمىتى ۋاشىنگىتوننىڭ بۇ ئېمبارگولىرىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكىلىق شەخس ۋە ئورۇنلارغا ئېمبارگو قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر