فىرانسىيە ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيەنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيەنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.

788864
فىرانسىيە ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيەنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيەنى نۆۋەتتىكى سۈركىلىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان بايانات ۋە ھەرىكەتلەردىن خالىي تۇرۇشقا چاقىردى.

ماكرون يازما بايانات ئېلان قىلىپ شىمالىي كورېيە پەيدا قىلغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «شىمالىي كورېيەنىڭ شەرتسىز دىئالوگ ئۆتكۈزۈشىنى»كاپالەتكە ئىگە قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون، بۇ مۇساپىدە فىرانسىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە رايوندىكى دوستلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر