مىسىردا پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ۋەقەدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 49 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 133 كىشى يارىدار بولدى.

788697
مىسىردا پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە ئىككى پۇيىزنىڭ بىر بىرى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىشى تۇپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 49 غا يەتتى.

ۋەقەدە 133 كىشى يارىدار بولدى. ۋاگونلارنىڭ ئارىسىدا قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

پۇيىزلارنىڭ بىرسى بۇزۇپ قىلىپ يولدا توختاپ قالغانلىقى ۋە ئارقىدىن كەلگەن پويىزنىڭ ئۇنىڭغا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر